بايرام تور سودا شەھەرچىسى ھەققىدە

ئېلېكتىرونلۇق سودا بۈگۈنكى دەۋردىكى دۇنياۋى خاراكتېرلىك سودا شەكلى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى ۋە ئىستېمال پىسخىكىسىغا ئۇيغۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ناھايىتى تېز قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. جۇڭگو تور سودا ماگناتى مايۈننىڭ دېيىشىچە 2020-يىلىغا بارغاندا تور سودىسى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 50% نى ئىگىلەيدىكەن. دېمەك، تور سودىسى بۇندىن كېيىنكى مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ تۈرتكىسىدە رايونىمىزدا ئېلېكتىرونلۇق سودا قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركەتلىرى بارلىققا كەلدى. تور سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، شىنجاڭدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تۇنجى دوكتور ئابدۇراھمان ئابدۇغېنى يېتەكچىلىكىدە 2015-يىلى1-ئايدا كۈچلۈك مەبلەغ ئاساسى ۋە مۇكەممەل قوشۇن قۇرۇلمىسى بولغان شىنجاڭ بايرام ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى. ئابدۇراھمان ئابدۇغېنى يېتەكچىلىكىدىكى بۇ قوشۇن شىنجاڭدىكى ئۇتۇق قازانغان مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سالغان،ئېلېكتىرونلۇق سودا، ماركېتىڭ، لايىھەلەش، پىروگرامما قاتارلىق ساھەلەردە شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مەخسۇس تەربىيەلەنگەن ئىنتېرنېت تەپەككۇرىغا ئىگە ياش ئىختىساسلىق خادىملاردىن تەشكىللەنگەن. بايرام تور سودا شەھەرچىسى ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى O2O, C2C, B2Cقاتارلىق سودا ئەندىزىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن، بېكەت كۆرۈنمە يۈزى، تور تېخنىكا، بىخەتەرلىك جەھەتلەردىن خەلقئارالىق سەۋىيەگە يېقىنلاشقان شىنجاڭدىكى مۇكەممەل تور سودا شەھەرچىسى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تور بېكەت ئىلگىرىكى بىر تور بېكەتتە بىرلا خىل تور سودا ئەندىزىسىنى قوللىنىشتەك ئۇسۇلغا خاتىمە بېرىپ، ئۈچ خىل تور سودا ئەندىزىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە شەكىلدىكى بىر خىل تور سودا ئەندىزىسى شەكىللەندۈردى.
  • تۈۋەن نەشىرىكى ئاندىرويىد يانغۇنلاردىمۇ ئۇيغۇرچە خەت نورمال چىقىدۇ .

    بايرام تور سودا شەھەرچىسىغا يوللانلغان ھەر قانداق مەھسۇلات بۇ ئەپ دېتالغا ئەڭ تېز ۋاقىتتا چىىقىدۇ .

    ھەر كۈنى تېلفۇن نۇسقىسدىكى مەھسۇلاتلار يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ .

    تاۋار مەھسۇلاتلارنى مىكروبلوگ ۋە ئۈندىدار چەمبىرىكىگە ھەمبەرھىرلىگىلى بولىدۇ .

    تېلفۇن نۇسقىدا مال زاكاس قىلىپ بېۋاستە پۇل تاپشۇرغىلى بولىدۇ .

    ئەڭ تېز سۈرئەتتە سېتىۋالغان مەھسۇلاتڭىزنى يەتكۈزۈۇپ بىرىلىدۇ .

    بايرام سودا تېلفۇن نۇسقىدا تۈرلەر ئېنىق ئايرىلغان توردا مال ستىۋىلىشىڭىزغا ئاسانلىق يارىتىپ بىرىدۇ .

    مەھسۇلاتلارنى يىغىۋىلىپ توپ پارچە مەھسۇلاتلارنى سېتىلۋىشقا بولىدۇ .

تور دۇنياسدىكى تاۋار مەھسۇلات سېتۋىلشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللشىڭىز !

بايرام تور سودا شەھەرچىسى Www.Bayram.Cn