تالون چۈشۈرۈش

تالون توغرىسىدا

  تالون: ئۇ بارلىق ئىدارە ۋە شەخسلەرنىڭ تاۋار ئېلىم – سېتىملىرىدا، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ياكى قوبۇل قىلىشتىكى شۇنداقلا باشقا تىجارەت پائالىيەتلەردە يازىدىغان ياكى ئالىدىغان ئىسپات بولۇپ، بوغالتىر ھېساباتىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا تەپتىش ئورگانلىرى ۋە باج ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تەكشۈرۈشىدىكى مۇھىم ئاساسى.

  تالوننىڭ تۈرلىرى ۋە ئىشلىتىش يوللىرى: تالون شەخس نامىدىكى ۋە شىركەت نامىدىكى تالون دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئەگەر شىركەت ئاتچوتىغا ئىشلەتمەكچى بولساق، شىركەت تۈرىدىكى تالوننى ئىلتىماس قىلىمىز. ( ئىككى خىل تالوننىڭ ھەممىسى قەغەز تالون )

دىققەت: تالون پەقەت تىجارەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،  ئەمما ھەقنىڭ تاپشۇرۇلغان ياكى تاپشۇرۇلمىغانلىقىغا ئىسپات بولالمايدۇ. ھۆججەت تاپشۇرۇلغانلىقىغا ئىسپات بولالايدۇ.

 تالون چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:


رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك " تالون ئالامسىز " دېگەن كۇنۇپكا ئارقىلىق تالون ئىلتىماس قىلسىڭىز، زاكاس قىلغان مېلىڭىز بىلەن بىرگە شىنجاڭ بايرام ئېلېكترونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تالونىنى تاپشۇرۇپ ئالالايسىز.