مال قايتۇرۇش چۈشەندۈرىشى

 

مال قايتۇرۇش چۈشەندۈرۈشى


1. مال قايتۇرۇش كىراسى قانداق تولۇقلاپ بېرىلىدۇ؟

ئەزالار تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى ئارقىلىق مالنى قايتۇرۇش ھەم يەتكۈزۈش ھەققىنى تۆلىشى كېرەك، بايرام تورى ئاددىي يوللانما ياكى تاپشۇرۇۋېلىپ پۇل تۆلەش شەكلىدىكى پوسۇلكىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلىدۇ. بايرام تورى مال پۇلىنى قايتۇرغان ۋاقىتتا، يەتكۈزۈش ھەققى ئۈچۈن ئەزالار ھېساباتىغا 10 يۈەن بايرام پۇلى ئۇرۇپ بېرىدۇ. بىر نەچچە زاكاس بىر پوسۇلكا بولۇپ قايتۇرۇلسا، پەقەت بىرىنىڭلا پۇلى تولۇقلاپ بېرىلىدۇ. بايرام تورى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن كۆپ قېتىم مال قايتۇرغان ياكى مال ئېلىشنى رەت قىلغان ئەزالارغا مال قايتۇرۇش تولۇقلىما پۇلى(10 يۈەن بايرام پۇلى )نى بېرىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.


2. پۇلنى قايتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى قانداق بولىدۇ؟

بايرام تورى مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۈچ كۈن ئىچىدە، مال قايتۇرۇشتىن شەكىللەنگەن پۇلنى ئەزالارنىڭ بايرام ھەميانغا قايتۇرىدۇ. مال قايتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىلگەندىن كېيىن، پۇل دەل ۋاقتىدا ئەزالارنىڭ بايرام ھەميانغا كىرىدۇ. ئىشەنچ كارتىسى ئارقىلىق تۆلىگەن زاكاس پۇلى ئەسلىدىكى ئىشەنچ كارتىسىغا قايتۇرىلىدۇ، بېجىرگەندىن كېيىن 7~15 كۈنگىچە ھېساباتقا كىرىدۇ.


3. زاكاس ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان بولسا قايتۇرىدىغان پۇلنى قانداق ھېسابلايدۇ؟

ئەگەر زاكاس توشسا كېمەيتىش، پىرسەنتلىك ئېتىبار، پۇل تۆلەش ئېتىبارى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشسا، ئېتىبار قىلىنغان سومما پىرسەنتى بويىچە (مەھسۇلات باھاسى/ زاكاز باھاسى )ھەربىر مەھسۇلاتقا چېچىلىدۇ. ئەگەر مال قايتۇرۇلسا، مەھسۇلات باھاسىدىن پائالىيەتتىكى ئېتىبارنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن پۇل قايتۇرۇلىدۇ.

مەسىلەن: ئەزالار سېتىۋالغان مەھسۇلات 400 يۈەنگە توشسا 100 يۈەن ئېتىبار قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشسا، زاكاستىكى ئا مەھسۇلات 100يۈەن، ب مەھسۇلات 300يۈەن، زاكاس سوممىسى 400يۈەن، ئېتىبار 100يۈەن بولسا ئا مەھسۇلات بەھرىمان بولغان ئېتىبار   100*(100/400)=25يۈەن جەمئىي 75يۈەن، ب مەھسۇلات بەھرىمان بولىدىغان ئېتىبارى 100*(300/400)=75يۈەن، جەمئىي 225يۈەن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش:

1. مال قايتۇرۇلغاندا، قايتۇرۇلغان مالغا ئىشلىتىلگەن بايرام پۇلى ئەزالارنىڭ ھېساباتىغا قايتۇرىلىدۇ.

2. ئەگەر زاكاس ئېتىبار پائالىيەتكە قاتناشقان بولسا، مال قايتۇرغاندىن كېيىن مەھسۇلاتنىڭ ئېتىبارى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى باھاسى قايتۇرىلىدۇ.

3. پۇل قايتۇرۇش ۋاقتى پەقەت سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈنلا بېرىلدى. ئەمەلىي پۇل قايتۇرۇش ۋاقتى بانكا، پۇل تۆلەش ئورگىنى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

4.چۈشەنمىگەن نۇقتىلار بولسا، بايرام مۇلازىمەتچىسىدىن سۈرۈشتۈرۈڭ.

مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى

0991-2800030

مۇلازىمەت ۋاقتى: ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 08:00دىن 18:00 گىچە.