مال تاپشۇرۇۋېلىپ پۇل تۆلەش


مال تاپشۇرىۋېلىپ پۇل تۆلەش


مال تاپشۇرىۋېلىپ پۇل تۆلەش: مالنى قولىڭىزغا ئالغاندىن كېيىن پۇل تۆلەش ئۇسۇلى بولۇپ، زاكاسنى يەتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن ئىمزا قويۇپ پۇل تۆلەش ياكى زاكاسنى ئۆزى تاپشۇرىۋېلىش نۇقتىسىدىن پۇل تۆلەپ ئېلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ.


مال تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق پۇل تۆلىسىڭىز بولىدۇ:

(1) نەق پۇل تۆلەش (پۇلنى بايرام شىركىتى ئەۋەتكەن خىزمەتچىگە تۆلەش )

(2) ئېلېكترونلۇق پۇل تۆلەش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش ( زاكاسنى ئۆزى ئېلىۋالىدىغان نۇقتىدا پۇل تۆلەش. بۇخىل ئۇسۇلنى ۋاقتىنچە قوللىمايدۇ ) 


شىنجاڭ بايرام تور سودا شەھەرچىسىنىڭ بەلگىلىمىسى:

مال تاپشۇرىۋېلىپ پۇل تۆلەشنى تاللىغان ئەزا (بىر ھېسابات نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ)  بىرتەبىئىي ئاي ئىچىدە زاكاسنى تاپشۇرېۋىلىشنى رەت قىلىش قېتىم سانى بىر ياكى بىر قېتىمدىن كۆپ بولسا ( بايرام شىركىتى تەرىپىدىن سۈپەت مەسلىسىگە تەۋە دەپ بېكىتىلگەن تاۋاردىن باشقا) ھەم ھەر قېتىم سېتىۋالغان مالنىڭ باھاسى 5000يۈەندىن يۇقىرى  بولسا، بۇ ئەزانىڭ مالنى تاپشۇرىۋېلىپ پۇل تۆلەش ئىقتىدارىنى توختىتىۋېتىمىز، توختىتىش ۋاقتى 30كۈن بولىدۇ.


ئەگەر بىر تەبىئىي يىل ئىچىدە زاكاس تاپشۇرېۋىلىشنى رەت قىلىش قېتىم سانى ئۈچ ياكى ئۈچ قېتىمدىن كۆپ بولسا، ھەم ھەر قېتىم سېتىۋالغان مالنىڭ باھاسى 5000يۈەندىن يۇقىرى بولسا، بۇ ئەزانىڭ مالنى تاپشۇرىۋېلىپ پۇل تۆلەش ئىقتىدارىنى توختىتىۋېتىمىز، توختىتىش ۋاقتى بىر يىل بولىدۇ.  ( 365كۈن )


ئەگەر بىر تەبىئىي ئاي ئىچىدە زاكاسنى تاپشۇرېۋىلىشنى رەت قىلىش قېتىم سانى ئۈچ ياكى ئۈچ قېتىمدىن كۆپ بولسا، ھەم ھەر قېتىم سېتىۋالغان مالنىڭ باھاسى 5000يۈەندىن تۆۋەن بولسا، بۇ ئەزانىڭ مالنى تاپشۇرىۋېلىپ پۇل تۆلەش ئىقتىدارىنى توختىتىۋېتىمىز، توختىتىش ۋاقتى 30كۈن بولىدۇ.


ئەگەر بىر تەبىئىي يىل ئىچىدە زاكاسنى تاپشۇرېۋىلىشنى رەت قىلىش قېتىم سانى بەش ياكى بەش قېتىمدىن كۆپ بولسا، ھەم ھەر قېتىم سېتىۋالغان مالنىڭ باھاسى 5000يۈەندىن تۆۋەن بولسا، بۇ ئەزانىڭ مالنى تاپشۇرىۋېلىپ پۇل تۆلەش ئىقتىدارىنى توختىتىۋېتىمىز، توختىتىش ۋاقتى بىر يىل بولىدۇ.  ( 365كۈن )