توردا پۇل تۆلەش

توردا پۇل تۆلەش:

بايرام تور سودا شىركىتىنىڭ بايرام تور سودا شەھەرچىسىدىن (كومپيۇتېر نۇسخىسى ۋە كۆچمە نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) مال سېتىۋالغاندا ئىشلىتىدىغان ئىنتىرنېتتا پۇل تۆلەش ئۇسۇلى.

توردا پۇل تۆلەش تۈرى:

1. بايرام ھەميانىدىن پۇل تۆلەش: پۇلنى بايرام تور سودا شەھەرچىسىدىكى بايرام ھەميانىغا يۆتكەپ پۇل تۆلەشنى كۆرسىتىدۇ.

بايرام ھەميانى پۇل قاچىلاش، نەق پۇل چىقىرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قوللايدىغان بولۇپ، بۇ ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان پۇل تۆلەش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2. بىرلەشمە بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش: تور بانكا كەسپىنى ئاچقان بانكا كارتىسى ئارقىلىق ھەرقايسى بانكا سۇپىسى ( توربېتى ) دا پۇل تۆلەشنى كۆرسىتىدۇ.

مەشغۇلات ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن زاكاس چۈشۈرۈپ، توردا پۇل تۆلەش - بىرلەشمە بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش ئىچىدىكى ئۆزىمىزگە قولايلىق بانكىنى تاللاپ پۇل تۆلىسەك بولىدۇ.

3. چىقىمدان ئارقىلىق پۇل تۆلەش: چىقىمدان، ئۈندىدار، بانكا لىنىيەسى ئارقىلىق پۇل تۆلەشنى كۆرسىتىدۇ.

چىقىمدان: بۇ خىل ئۇسۇلدا بانكا كارتىسىنى باغلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ ( باغلاش مەشغۇلات تەرتىپىنى چىقىمداننىڭ ئورگان تورىدىن كۆرىۋېلىڭ ).

4.ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلەش:  ئۈندىداردا مەھسۇلاتنىڭ ئىككىلىك كودىنى تەستىقلاپ پۇل تۆلەش. ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلەشتە ئۈندىدارنى بانكا كارتىسىغا باغلىغاندىن كېيىن پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ. ( باغلاش مەشغۇلات تەرتىپىنى ئۈندىدار ئورگان تورىدىن كۆرىۋېلىڭ )


قوشۇمچە:

بانكا بىرلەشمە لىنىيەسى: بانكا بىرلەشمە لىنىيىسى شىركىتىنىڭ پۇل تۆلەش سۇپىسى. ئۇنىڭ تېز سۈرئەتتە پۇل تۆلەش ۋە كارتىسىز پۇل تۆلەش دەپ ئىككى خىل تۈرى بار.

تېز سۈرئەتتە پۇل تۆلەش: تۇنجى قېتىم پۇل تۆلىگەندە، بانكا بىرلەشمە لىنىيە سۇپىسىدا بىر دانە بانكا كارتىسىنى باغلاپ پۇل تۆلەيمىز. ئىككىنچى قېتىم پۇل تۆلىگەندە بانكا كارتىسىنى قايتا باغلاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بىۋاستە قىسقا ئۇچۇر تەكشۈرۈش كودى ئارقىلىق پۇل تۆلىسىڭىزلا بولىدۇ.

كارتىسىز پۇل تۆلەش: بانكا بىرلەشمە لىنىيە سۇپىسىدا تىزىملاتقان ھېسابات نومۇرىڭىز بار بولسا ۋە بۇ ھېسابات نومۇرىغا بانكا كارتىسىنى باغلىغان بولسىڭىز، بانكا كارتىسىنى تولدۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىۋاستە ھېسابات نومۇر ۋە مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزسىڭىزلا كارتىسىز پۇل تۆلىيەلەيسىز.

(بانكا كارتىسىنى باغلاش ۋە تىزىملىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى بانكا بىرلەشمە لىنىيە سۇپىسىنىڭ ئورگان تورىدىن كۆرىۋېلىڭ )